شايار ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى كىشىلەرنى ھەجگە تەشكىللىگىنى ئۈچۈن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۇچرىغان

ئاقسۇ شايار ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 13 ‏ - كۈنى شايار سوت مەھكىمىسى ئوچۇق سوت ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنى ھەجگە تەشكىللىگەن بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر خەۋىرى
2008.06.24

 ھۆكۈمدە، مەھكۇمنىڭ، ھاجى نامزاتلىرىنى ئالدىغانلىقى ئۈچۈن ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر تىجارەتچى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمى سىياسىي بىر ھۆكۈم، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پاالىيەتلىرىنى چەكلەش، بولۇپمۇ ئولىمپىك ھارپىسدا، ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، ھەج قىلغۇچىلارنىڭ سانىنى چەكلىمەكتە ۋە ھەجگە تەشكىللىگۇچىلەرنى جازالىماقتا.

شايار ھۆكۈمەت تور بېتىنىڭ خەۋرىدىكى بەزى مەلۇماتلار دىلشات رىشىتنىڭ يۇقىرىقى قاراشلىرىنى ئىسپاتلايدىغان مەزمۇندا. خەۋەردە، مەزكۇر سوتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە ھەج سەپىرىنى بىر تۇتاش ئېلىپ بېرىش، تارقاق ھەجگە يول قويماسلىق ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

بۈگۈن مۇخبىرىمىز شايار ناھىيىسىدىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە، مەھكۇمنىڭ ئىلگىرىمۇ ھەج گۇرۇپپىسى تەشكىللىگەنلىكى ۋە بىر قاتار خەير - ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن جامائەت ئىچىدە ھۆرمەتكە ئېرىشكەن كىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.