ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا چىقىدىغان خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 11 - بەش يىللىق پىلان ئىچىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ھەر قايسى دېۋىزىيە ۋە پولكلىرىنى شەھەرلەشتۈرۈش ئىستىراتېگىيىسىنى تىزلىتىدىكەن.
بىڭتۈەن جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە بىر مىليون 700 مىڭ بىڭتۈەن ئىشچى - خىزمەتچىسىنىڭ شەھەر نوپۇسى ئالغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىڭتۈەن سىياسى كومىسسارى نيې ۋېيگو دۈشەنبە كۈنى بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا، 11- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىستىراتېگىيىلىك نىشانلارنىڭ بىرى، "يېڭىچە شەكىلدىكى سانائەتلىشىش، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش" دەپ تەكىتلىگەن.
نيې ۋېيگونىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ مەزگىلدە "شەھەر، يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي شەكلىدە زور ئۆزگىرىشلەر" بولىدىكەن. ئۇ، "بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادى ئۈستۈنلىككە ئايلاندۇرۇش ئىستىراتىگىيىسى"نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىڭتۈەن 1954 -يىلى 10 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى چاغدا يەرلىكلەر بىلەن يەر - زېمىن، سۇ مەنبەئەلىرى ۋە تەسىر دائىرە تالىشىش ماجىراسى قىلمايدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. لېكىن 50 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۈتۈن چېگرا لېنىيىلىرى، سۇ مەنبەئەلىرى ۋە ئەڭ مۇنبەت تۇپراقلار، كان بايلىقى ۋە ئىستىراتېگىيىلىك جايلار پۈتۈنلەي بىڭتۈەن تەرىپىدىن كونترول قىلىندى. بىڭتۈەن 1970 -يىللاردا تارقىتىۋېتىلگەن بولسىمۇ، 1980 - يىللاردا دېڭ شياۋپىڭ ھاكىمىيەت ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى بىڭتۈەننى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىقنى قوغداپ مىللىي بۆلگۈنچىللىككە قارشى تۇرۇشتىكى" قورغان" دەپ قارىماقتا. ئەمما بىڭتۈەننى تەنقىد قىلغۇچىلار مەزكۇر ئورگاننى " قانۇنسىز مۇستەملىكىچىلىك ئاپاراتى" دەيدۇ.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بىڭتۈەننى شەھەرلەشتۈرۈش ئىستىراتېگىيىسى يەر - زېمىن، سۇ مەنبەئەلىرى، مۇھىت ۋە كۆچمەنلەر مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۈرۈۋېتىدىكەن. (ئەركىن)