نىگرىپونتى: خىتاي شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئوخشاش سەزگۈر تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن قورقماسلىقى كېرەك


2007.10.29

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون نىگرىپونتى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ كەچلىك زىياپىتىدە سۆز قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى "شىنجاڭ مەسىلىسى " گە ئوخشاش نازۇك تېمىلاردا ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن قورقماسلىققا چاقىردى. ئۇ سۆزىدە "بۇ تۈردىكى مەسىلىلەر بىز قىزىقىدىغان مەسىلىلەر"، دەپ تەكىتلەپلا قالماي، ئۇ يەنە"بۇ تۈردىكى ئالماشتۇرۇشلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا يول قويۇش مۇھىم "دەپ كۆرسەتتى.

نىگرىپونتى، بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ كەچلىك زىياپىتىدە بىر مۇتەخەسسىسنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن بولۇپ، جەررىي كوھېن ئىسىملىك بۇ مۇتەخەسسىس "بىزنىڭ شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە ماقالە يازغان كىشىلىرىمىز ۋىزا مەسىلىسىدە توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ. بىز بۇ مەسىلىدە ئىلمىي ۋە كەسپىي ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىمىز ئۈچۈن توسالغۇغا ئۇچرىماسلىقىمىز كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن ھەمدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

جون نىگرىپونتى، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدىكى ئىلمىي ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە يېقىنقى 20 - 30 يىلدىن بۇيان ھەقىقىي ۋە ئەمەلىي ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى، لېكىن سەزگۈر مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرۇش ناھايىتى مۇھىم، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " بۇ يەردە مەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، خىتاي دائىرىلىرى بۇ تۈردىكى ئالماشتۇرۇشلاردىن قورقماسلىقى كېرەك،" دەپ كۆرسەتتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىخانىسى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى مۇتەخەسسىسلەرگە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كۆز قارىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز قارشى بىلەن ئوخشىمىغانلىقى تۈپەيلى ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. (‏ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.