شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى ۋەكىللىرى ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ يىغىنىدا

يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيىنىڭ كۆلىن شەھىرىدە جەنۇبىي ئەزەربەيجان مەسىلىسى ھەققىدە سىمنارىيە ئۆتكۈزۈلگەن. سىمنارىيىگە گېرمانىيىدىكى شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان. يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللەر شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.05.29

 بۇ سىمنارىيىگە تەتقىقاتچى، يازغۇچى، شائىر ۋە ژورنالىستلار بولۇپ 50 كە يېقىن كىشى قاتناشقان. يىغىندا تۈرۈك دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى،سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي - مائارىپ ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنغان؛ جەنۇبىي ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرى ۋە سىياسىي تۇتقۇنلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسلىق مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

يىغىندا شەرقى تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى كۈرەش ئاتاخان سۆز قىلىپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ مەلۇماتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە پىلانلىق ۋە قەدەم باسقۇچلۇق ھالدا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە نۇقتىلىق توختالغان.

يىغىن قاتناشچىلىرى ئارىسىدىكى تەشكىلات رەھبەرلىرى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.