ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار شەرقى تۈركىستان رەھبەرلىرى ۋاپاتىنىڭ 55 - يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى
بۇ يىل 27 - ئاۋغۇست كۈنى، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىنقىلابىي رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ "ئايرۇپىلان ھادىسىسى" بىلەن قازا تاپقانلىقىنىڭ 55 يىللىق خاتىرە كۈنى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 55 يىل ئىلگىرى ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئەخمەتجان قاسىمى، ئىسھاقبەگ مۇنونوف، ئابدۇكېرىم ئابباسوف ، دەلىلقان سۈگۈربايېف قاتارلىق كىشىلەر بېيجىڭدا ئېچىلغان سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىدا، ئايرۇپىلان ھادىسىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىي رەھبەرلىرىنىڭ ۋاپاتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار پەيشەنبە كۈنى ئاق ساراينىڭ يېنىدىكى لافايەت مەيدانىغا يىغىلىپ، پائالىيەت ئېلىپ باردى. "شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق مەركىزى تەشكىلاتى" نىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە ئۇلار، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركسىتان رەھبەرلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ، مەيداندىكى ئامېرىكىلىقلارغا ئۇلارنىڭ ئىش ئىزلىرى ۋە ۋاپاتىنى چۈشەندۈردى. (ئارزۇ)