ش ھ ت " تېررورچىلىققا" قارشى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا خىتاي، رۇسىيە ۋە تۆت ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى شەنبە كۈنى قازاقىستاندا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، " تېررورچىلىققا" قارشى ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇلار شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كىلەر ئايدىكى ئۇچرۇشىشىدا ئىمزالىشى ئۈچۈن، بىر قاتار ھۆججەتلەرنى تەييارلىغان. بۇ ھۆججەتلەر، ھىندىستان، ئىران ۋە پاكىستاننى " كۈزەتكۈچى" سالاھىيىتى بىلەن تەشكىلاتقا قۇبۇل قىلىش، تېررورچىلىققا قارشى بىرلەشمە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ۋە جىددىي ئەھۋاللاردا ئۆز - ئارا ياردەملىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگىي لاۋرۇپ يىغىندىن كىيىنكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، " ئۆزبەكسىتاندا ئۆتكەن ئايدا يۈز بەرگەن خەلق قارشىلىق ھەرىكىتىدە چېچەن تېررورىستلىرى ۋە تالىبانلارنىڭ قولى بار" دەپ قايتا تەكىتلەپ، " بىز ھەممىمىز رادىكاللارنىڭ دۆلىتىمىزگە ھوجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىشنى خالايمىز" دېگەن.

بىراق ئانالىزچىلار، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ چېچەن ۋە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن،" تېررورچىلىققا" قارشى كۆرەشتىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش نامىدا قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆز تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتا. بولۇپمۇ 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن، خىتاي ۋە رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى ئىستىگەن.

نۆۋەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا خىتاي ۋە رۇسىيىدىن سىرت، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبەكىستان ۋە تاجىكىستانلار ئەزا. (ئارزۇ)