خىتاي دۆلەت كابىنتى "شىنجاڭ مەسىلىسى" توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىردى


2007.09.14

خىتاي دۆلەت كابىنتى ئالدىنقى كۈنى " شىنجياڭ مەسىلىسى" توغرىسىدا مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتىلغان ئىستىراتېگىيىسى ۋە مەركەزنىڭ شىنجياڭ مەسىلىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۈشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مۇزاكىرە قىلغان. لېكىن خەۋەرلەردە خىتاي دۆلەت كابىنتىدا مۇزاكىرە قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى كونكرېت مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يىغىندا ئۇيغۇر ئىلىدىكى ۋەزىپە ناھايىتى "مۇشەققەتلىك" بولسىمۇ، لېكىن مەركەزنىڭ "شىنجياڭ" مەسىلىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى يەنى ئىقتىسادىنى ئېچىش، مۇقىملىقنى قوغداش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلەنگەن. يىغىندا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئاسان قولغا كەلمەيدىغان زور ئىستىراتېگىيىلىك پۇرسەت، دەپ قارىلىپ، بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ۋە ياخشى قوللىنىش تەلەپ قىلىنغان. خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى "پۇقرالارنى خاتىرجەم قىلىش، چېگرىنى مۇستەھكەملەش ئىستىراتېگىيىسى،" دەپ تەرىپلىمەكتە.

مەركەزنىڭ "شىنجياڭ"مەسىلىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشى خىتاينىڭ جياڭ زېمىن دەۋرىدە 1995-يىلى چىقارغان 7 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۆزدە تۇتىدىغان بولۇپ، بۇ ھۆججەتنىڭ روھى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى خىتايلارغا تايىنىپ ساقلاش، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى خاتىرجەم قىلىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىن ئەمەلىيەتتە رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بەھرىمان بولۇۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بولسا تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.