خىتاي ب د ت دا شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى تىلغا ئالدى


2005.10.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاينىڭ ب د ت دىكى باش ئەلچىسى ۋاڭ گۇاڭيا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭەشىنىڭ يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى تىلغا ئېلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. ۋاڭ گۇاڭيا، بۇ سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورىزم توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئامېرىكا 2002 - يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىمۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئامېرىكا شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا دائىر پاكىت يوقلىغىقنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان ئىدى.

ۋاڭ گۇاڭيا يىغىنىدا، "شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى جوڭگو تەرىپىدىن بېكىتىلگەن تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى، بۇ تەشكىلات يېقىندا ئىنتېرنېت ئارقىلىق بارلىق ۋاستىلار بىلەن جوڭگوغا قارشى 'قوراللىق كۈرەش' ئېلىپ بارىدىغانلىقى توغرىسىدا جار سالدى،" دەيدۇ. ۋاڭ، شەرقىي تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى، دەپ ئاتىغان.

شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھارپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەگەر ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش داۋاملاشتۇرۇلسا خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بولسا بېيجىڭ دائىرىلىرىنى " تېرورىزىمغا قارشى ئۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش" بىلەن ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت