ئۇيغۇرلار ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇغۇت چەكلىمىسى ھەققىدە قانۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى


2005.01.28
sidiq-haji-150.jpg
سىدىق ھاجى روزى ئەپەندى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رېيبېن سارىيىدا سۆز قىلماقتا. RFA resimi

خىتاي تۈرمىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ يولدىشى سىدىق ھاجى روزى، چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىناسىدا ئوكۈزۈلگەن رابىيە قادىرغا بېرىلگەن رافتو مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە قارشى قانۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

سىدىق ھاجى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە 9 - بەش يىللىق پىلان ئىچىدە 3 مىليون بوۋاقنىڭ ئاز تۇغۇلغانلىقى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 2003 - يىلى قوساقتىكى بوۋاقلارنىڭ 58 ٪ تۇغۇلالمىغان. سىدىق ھاجى روزى، "مەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بويىچە قانۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. پرېزىدېنت بۇشنىڭ قانۇن لاھىيىسىنى قايتۇرۇۋەتمەي تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلىمەن،" دەپ كۆرسەتتى.

مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا ئاۋام پالاتا ئەزالىرى فرانك ۋولف، دونالد پېين، ئايال ئاۋام پالاتا ئەزاسى ئىلىنا روس-لېتىنان قاتارلىقلار شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راندى شرايۋېر، سابىق تاشقى ئىشلار ياردەمچىسى لورېن كرېينىرلار ئىشتىراك قىلغان.

رابىيە قادىر ئۆتكەن يىلى 11 - ئايدا نورۋىگىيە رافتو فوندى جەمئىيىتىنىڭ 2004 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى. بىراق ئەينى چاغدا رابىيە قادىرنىڭ ئائىلە - تاۋاباتى مۇكاپاتنى ئېلىشقا ۋاقتىدا بارالمىغان. مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى بۇ قېتىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رېيبون سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.