خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە سىياسىي ئىدىيىۋى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا


2007.04.17

خىتاي ئاگېنتلىقىنىڭ ئۈرۈمچىدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سىياسىي ئىدىيىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، 17 ‏- ئاپرىل كۈنىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سانائەت ئىنستىتۇتىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتى ئېلىپ بارغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش خىزمىتى ئىككى كۈن داۋاملىشىپ، بۇ جەرياندا ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۆز ئىدىيىسىنى تەكشۈرۈش،ئۆز ئىدىيىسىنى مەلۇم قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدىكەن. ئاندىن مائارىپ كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسەن، نومۇر قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق باھالاش ئېلىپ بارىدىكەن.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ھازىردىن باشلاپ، ئىككى ئاي ئىچىدە، بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

چەتئەللەردىكى ئانالىزچىلار ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە بۇ خىل سىياسىي ئىدىيىۋى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى مەزكۇر جايدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىغا پۈتۈنلەي كومۇنىزىم ئىدىيىسىنى سىڭدۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىق" دەپ كۆرسەتمەكتە. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.