ئۇيغۇر ئېلىدا، ئۆتكەن بەش يىلدا ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم سىياسىي ۋەقە يۈز بەرگەن


2008.01.18

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق 11 قېتىملىق خەلق قۇرۇلتىيىدا، ئاپتونۇم رايونلۇق ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىغى، روزى ئىسمايىل، ئالى سوت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن. دوكلاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي قانۇن ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئالدىنقى 5 يىل ئىچىدە، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق دېلودىن 1013 نى بىر تەرەپ قىلغان. دوكلاتتا، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، تېررورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش، دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق قىلماشلارنى دۆلەت بىختەرلىكىگە تەھدىد شەكىللەندۈرۈش جىنايىتى دەپ كۆرسەتكەن.

دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان 1013 دېگەن بۇ سان ، ئۇيغۇر ئېلىدا، ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە چېتىشلىق دېلودىن يىلىغا 200 قېتىمدىن يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ ئەھۋال يەنە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭدا مۇقىملىق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ دېگەن خۇلاسىسىنىمۇ ئىنكار قىلماقتا،

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، روزا ئىسمايىلنىڭ دوكلاتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي دېلولارنىڭ 90% تىن كۆپرەكىنىڭ ئوچۇق سوت بىلەن ئەمەس يېپىق سوت بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى، ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن مىللىي قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ مەتبۇئاتقا ئاشكارىلانمىغانلىقىنى، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ دۇنيا جامائىتىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىدىنمۇ يوشۇرۇن تۇتۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ سىر تۇتۇلغان 1013 دېلونىڭ مىڭ خىل پاجىئە، مىڭ خىل قەھرىمانلىق ۋە مىڭ رەزىللىك قىلمىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۈمكىنلىكىنى تەخمىن قىلغان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

سوئال: سىز بۇ خەۋەردە بېرىلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى قانداق مۆلچەرلەيسىز:

جاۋاب، ئەلۋەتتە، خەلقىمىزنىڭ جىم ياتمىغانلىقىنى، توختاۋسىز قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بۇ خەۋەردىن پاكىتلىرى بىلەن تونۇپ يەتتىم. ھازىر كىشىلەر، پەلەستىن، چېچەنىستان قاتارلىق مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتلەرگە ئۇيغۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلاردا بەك كۆپ ھەركەت يوق دەپ قارىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، بىزدە ئاخبارات ئەركىنلىكى يوق بولغاچقا، چەتئەل مۇخبىرلىرى كىرەلمىگەچكە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى دۇنياغا ئاشكارا بولمايۋاتىدۇ. ئەسلىدە ئەنە ئەشۇ 1013 دېلونىڭ ھەممىسى ئاخبارات قىممىتىگە ئىگە، ئەگەر ئاخبارات ئەركىنلىكى بولغان بولسا، ئۇيغۇر مەسىلىسى ئالدىنقى 5 يىل ئىچىدە 2 كۈندە دۇنيا مەتبۇئاتىغا چىقىپ تۇرغان بولاتتى. 1013 قېتىم مەسىلە يۈز بەرگەنلىكىدىن دۇنيا جامائىتى ئەمەس، ھازىر خەلقىمىز ئۆزىمۇ خەۋەرسىز. خەلقىمىزدىن بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ يوشۇرۇن تۇتۇلۇشى خەلقىمىزنىڭ مىللىي ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، ئۆزارا ئىلھام ئېلىش، ئۆز ۋەزىيىتىنى چۈشۈنۈپ ياردەم بېرىش قاتارلىق، مىللىي ھەركەت ئۈچۈن زۆرۈر شەرت-شارائىتلىرىنى ئاجىزلاشتۇرغان.

روزا ئىسمايىلنىڭ دوكلاتىدا، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ئادەتتىكى جىنايەتلەر دەپ تىلغا ئېلىنغان ھەم بۇ خىل دېلولاردىن قانچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن، ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھەتتا بىرىنچىسى ، زەھەرلىك چېكىملىك زىيانكەشلىكىدۇر. ئەمما خىتاي قانۇن ئورگانلىرى، سىياسىي مەسىلىلەرنى پاش قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا كۆرسەتكەن سەزگۈرلۈك ۋە ئىقتىدارىنى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنى بايقاش ۋە جازالاشتا كۆرسىتىكلىك ئەمەس.

سوئال: بىر زىيالىي بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدا قانۇن ساھەسىنى كۆزەتكىنىڭىزدە دىققىتىڭىزنى دەرھال تارتىدىغان مەسىلە قايسى؟

جاۋاب : ئىككى مەسىلە دىققىتىمنى تارتىدۇ: بىرسى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سىياسىي دېلولارنى پاش قىلىش، بىر تەرەپ قىلىشتا كۆرسەتكەن ئىقتىدارىنى ۋە نەتىجىسىنى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنى پاش قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا كۆرسىتەلمەسلىكى. ئەگەر شەرقى تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر مەسىلە بولۇشى كېرەك، چۇئۈنكى بۇ سەۋەبتىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرنىڭ ئەھۋالى بۈگۈن دۇنيانىڭمۇ دىققىتىنى تارتىقلىق.

ئىككىنچى مەسىلە، خىتاينىڭ سىياسىي دېلولارنى بىر تەرەپ قىلىشتا ھەم قانۇنغا ھەم ھۆججەتكە تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىشىدۇر. نۆۋەتتە، سىياسىي ھەرىكەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا خىتاي قانۇن ئورگانلىرى ئالدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىدىن، شۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ماددا ئىزدەيدۇ، ئەگەر بىر مەسىلە قانۇندىكى ماددا بويىچە جازاغا مۇۋاپىق بولمىسا، ھۆججەتكە قارايدۇ. مەسىلەن 7 ‏- نومۇرلۇق ھۆججەت، بۇنىڭ بىر مىسالى. قانۇن ساھەسىدە ئىشلەيدىغان دوستلىرىمىز سۆھبەتلىشىمىز، ئۇلار بۇ ھەرىكەتنى جازالاش قانۇنغا چۈشمەيدۇ ھۆججەتكە چۈشىدۇ دەپ ئاشكارا سۆزلەيدۇ. بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى قانۇن ساھېسىدىكى ئېغىر مەسىلىلەردىن بىرى قانۇنىي مەسىلىلەرگە سىياسىي قارار بىلەن ھۆكۈم چىقىرىلىۋاتقانلىقى. بۇ پەقەت شەرقى تۈركىستاندىلا يۈز بېرىۋاتقان بىر ئەھۋال.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، روزى ئىسمايىل ئاشكارىلىغان 1013 دېلونىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ قانۇنغا ئاساسەن ئەمەس، ھۆججەتكە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تەخمىن قىلىشماقتا. چۈنكى، خىتاي نۆۋەتتە مەتبۇئاتتا ئاشكارىلىغان ئاتالمىش سىياسىي جىنايى قىلمىشلارنىڭ كۆپىنچىسى، خىتاينىڭ مەۋجۇت قانۇنلىرى ئۆلچەم قىلىنسىمۇ جىنايەت بولۇپ شەكىللەنمەيدۇ؛ بۇ پەقەت ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكومنىڭ 7 ‏-نومۇرلۇق ھۆججىتى ۋە ۋاڭ لېچۈئەننىڭ باستۇرۇش چاقىرىقلىرىنى ئۆلچەم قىلغاندىلا، جىنايەت ئۆلچىمىگە توشىدۇ. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قانۇنىي مەسىلىلەرنى سىياسىي قارار بىلەن بىر تەرەپ قىلىش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانۇن ساھەسىدىكى ھەقسىزلىقلەرنىڭ يەنە بىر يىلتىزى. ( شۆھرەت ھوشۇر)

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز شۆھرەتنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.