خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە بۇش ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار توغرىسىدا تەۋسىيە بەردى


2006.09.26

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان 2006 - يىلقى دوكلاتىدا، بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

دوكلاتتا، پرېزىدېنت ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خۇ شىگېن، جىن خەيكې، شۇي ۋېي، ياڭ زىلى قاتارلىق "تۈرمىدە ئاۋازىنى چىقىرالمايۋاتقان" خىتاي سىياسىي مەھبۇسلىرىغا ۋە شۇ قاتاردا ئۇيغۇر مۇھەررىر كۈرەش ھۈسەيىن، يازغۇچى نۇرمۇھەممەت ياسىن ۋە تارىخشۇناس توختى مۇزاتلار ئۈچۈن گەپ قىلىشى كېرەك، دېيىلگەن.

دوكلاتتا يەنە ، كۈرەش ھۈسەيىننىڭ بىر ھېكايىنى تەھرىرلەپ نەشر قىلغانلىقى، توختى مۇزاتنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ئېلىپ بارغانلىقى ۋە نۇرمەمەت ياسىننىڭ ھېكايە يازغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ئۇيغۇر كىملىكىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى" دېيىلگەن .

مەزكۇر كومىتېت دوكلاتىدا بۇش ھۆكۈمىتى ۋە دۆلەت مەجلىسى "ئۇيغۇرلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى ھۆكۈمەت ئارىلاشمىغان ئەھۋالدا ئەركىن ئېلىپ بېرىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىشى كېرەك" دەپ تەكىتلىگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى تەنقىد قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.