خىتاي قازاقىستان-ئۇيغۇر چېگرىسىدا يېڭى سودا رايونى ئاچىدۇ


2004.11.07

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى 2 - چوڭ چېگرا سودا رايونى جېمىنەي چېگرا ئېغىزى كېلەر يىلى باھاردا رەسمى ئېچىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى بىلەن قازاقىستاننىڭ ئالتاي رايونى چېگرالىنىدىغان جېمىنەي چېگرا سودا رايونىنىڭ ئومۇمى كۆلىمى 105 مىڭ كۋادىرات مېتىر بولۇپ، 2 يېرىم مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنغان. سودا رايونى بىر ۋائىتنىڭ ئۆزىدە 10 مىڭ كىشىنى سىغدۇرالايدۇ. جېمىنەي سودا رايونىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە قورغاس سودا ئېغىزىدىن كېيىنكى 2 - چوڭ چېگرا سودا ئېغىزى بولۇپ قېلىشى مۈمكىن.

شىنخۋا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقلار بىلەن خىتايلا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمگە ئاساسەن ھەر تەرەپنىڭ پۇقرالىرى سودا رايونى ئىچىدە تىجارەت قىلالايدۇ. كىملىك كىنىشكىسى بىلەن سودا رايونىغا كىرىپ چىقالايدۇ، ۋىزا تەلەپ قىلىنمايدۇ. يەر مەيدانى 1 مىليون 650 مىڭ كۋادىرات كىلۇمېتىر كېلىدىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، 5600 كىلۇمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چىگرا مۇساپىسىغا ئىگە بولۇپ، 8 دۆلەت بىلەن چگرىلىنىدۇ. ھازىر قەدەرقۇرۇقلۇقتىكى 16 چىگرا ئېغىزى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىلگەن. بۇ چىگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى قورغان چىگرا ئېغىزى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.