يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدە "شىنجاڭ 'گوۋۇيۇئەن' يەر ۋە قېزىلما بايلىقلار سودا مەركىزى قۇرۇلغان. بۇ خىتاي بويىچە 5 -، غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى يەر ۋە قېزىلما بايلىقلار سودا ئاپپاراتى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى يەر ۋە قېزىلما بايلىقلىرى كۆپ رايون بولۇپ، ئەمدى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەر ۋە ھەر خىلدىكى زاپاس قېزىلما بايلىق يەرلىرى بۇ ئورگان ئارقىلىق سىرتقا سېتىلىدىكەن.
خىتاي چىقارغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2004 - يىلىنىڭ ئاخىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاپاس تېرىلغۇ يەر بايلىقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 223 مىليون مو، بۇنىڭ ئىچىدە 2030 - يىلىدىن بۇرۇن سۇ كاپالىتىلا بولسا ئاچقىلى بولۇدىغان يەر 49 مىليون 785 مىڭ مو بولۇپ، خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە يەنە، پۈتۈن خىتايدا 171 خىل قېزىلما بايلىق تۈرى بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 138 خىلى ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان ئىكەن. (پەرىدە)