ھېيتگاھ چوڭ بازىرىغا پاكىستان سودا كوچىسى سېلىندى


2005.08.28

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىكى داڭلىق ھېيتگاھ مەسچىنىڭ ئىككى يېقىغا يېڭىدىن ئۆزگەرتىلىپ سېلىنغان ھېيتگاھ چوڭ بازىرىغا، مەخسۇس پاكىستان ماللىرى ئۈچۈن بىر كوچا ئاجرىتىلغان.

يېڭىدىن سېلىنغان بۇ چوڭ بازار، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سودا رايونى دەپ ئىككى رايوندىن تۈزۈلگەن بولۇپ، جەنۇبىي رايوندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي تۈسنى ئالغان ھەر خىل ماللار، ساپال بويۇملار، كىيىم-كېچەك، ئاياق ۋە كۈندىلىك بويۇملار سېتىلىدىكەن، شىمالىي سودا رايوندا بولسا، زىبۇ-زىننەت، ھەر خىل قاقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىك بويۇملىرى سېتىلىدىكەن.

پاكىستان سودا دۇكىنىغا دەل مۇشۇ شىمالىي سودا رايونىدىن 30 كۇۋادىرات مېتىر ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇ يەرگە 44 دۇكان چۈشىدىكەن. بۇ يەردە پاكىستاندىن كىرگەن ھەر خىل ماللار سېتىلىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داڭلىق ھېيتكاھ بازىرىنى قايتا ئۆزگەرتىپ سېلىش ئىشلىرى 2003 - يىلى 5 - ئايدا باشلانغان بولۇپ، ھازىر بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتا. ئەينى چاغدا ھېيتكاھ مەسچىتىنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن ئاھالىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ بازارنى قايتا ئۆزگەرتىپ سېلىش باھانىسى بىلەن، بۇ يەردىكى نۇرغۇن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ، ئۇلارنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا يەنە، بۇ يەردىكى نۇرغۇن كوچىلارنىڭ ئۇيغۇرچە ناملارنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى خىتايچە ناملار بىلەن ئاتىغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.