قازاقىستان بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئوتتۇرىسىدا ئۈچىنچى چېگرا بازىرى ئېچىلماقچى

تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 1‏- مارت كۈنى ئالا تاغ، قورغاس چېگرا ئېغىزلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن قازاقسىتان ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچىنچى چېگرا بازىرى، جىمىنەي چېگرا ئېغىزى بازىرىنى ئاچىدىكەن.

خىتاي ۋە قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، قازاقسىتان پۇقرالىرى 1‏- مارتتىن باشلاپ ئىناۋەتلىك پاسپورتى ۋە ساغلاملىق كىنىشكىسى بولسىلا، ۋىزا بىجىرمەي مەخسۇس يول ئارقىلىق جىمىنەي چېگرا ئېغىزى بازىرىغا كىرىپ ‏- چىقىپ كىتەلەيدىكەن. خىتاي تەرەپ قازاقىستان پۇقرالىرى بۇ بازاردىن تاۋار سېتىۋالسا، باج ئالمايدىكەن ھەمدە ئۇلار ئېلىپ كىرگەن تاۋارلارغا ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ چېگرا ئېغىزى بازىرى 105 مىڭ كۇۋادرات مېتىر مەيدانغا ياسالغان بولۇپ، بازاردا 10 مىڭ تىجارەتچى پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىكەن. (قانات)