ش ئۇ ئا ر دا سۇڭ ئەيرۇڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلەر تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قېلىشى مەركەزنى ھەيران قالدۇرغان
2008.01.25
چەتئەلدە چىقىدىغان خىتاي تور بەتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سۇڭ ئەيرۇڭنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 11 - نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئىلى خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىدا مۇئاۋىن رەئىسلىكدىن چۈشۈپ قېلىشى مەركەزدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى. خوڭكوڭدىكى "يۇلتۇزلۇق ئارال" گېزىتى، سۇڭ ئەيرۇڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىككە قايتا سايلىنىش ئۈچۈن كۆپ يول ماڭغان بولسىمۇ، لېكىن نامزاتلار تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالغانلىقىنى بۇ قېتىمقى يىغىندا يۈز بەرگەن " غەلىتە ۋەقە " دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەردە 48 ياشلاردىكى سۇڭ ئەيرۇڭنىڭ ۋاڭ لېچۈەن گۇرۇھىدىكى شۇڭقارلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، ئۇ تۇرپان ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارلىقىغا تەيىنلەنگەندە تېخى 40 ياشلاردا بولۇپ، كومپارتىيە 16 - قۇرۇلتىيىدا مەركىزى كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىقىغا سايلانغانلىقىنى ۋە بۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ ئۆستۈرۈلىدىغان ئوبىكىتلاردىن بىرى، دەپ قارالغانلىقىنى يازدى.
"يۇلتۇزلۇق ئارال"نىڭ خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، سۇڭ ئەيرۇڭنىڭ بۇ قېتىم مۇئاۋىن رەئىسلىكتىن چۈشۈپ قېلىشى بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئۈرۈمچىدىكى دېخۇي سودا سارىيىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى سۇڭ ئەيرۇڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلەردىن ئىكەن. شۇڭا دېخۇيدىكى ئوت ئاپىتى سۇڭنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىدىكى ۋەقە، دەپ قارالغان.
سۇڭ ئەيرۇڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇۋاتقىنىغا تېخى 3 يىل توشمىغان ئىدى. سۇڭ ھەققىدىكى خەۋەرلەردە ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئورنى ھازىرچە مەلۇم ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى قۇرۇلتاي ھەققىدە قىسقىچە ئانالىز
- ۋاڭ لېچۈەن مىللەتلەر باراۋەرلىكى شۇئارىنىڭ ساختىلىقىنى يەنە بىر قېتىم يالىڭاچلىدى
- " قوش ئۆلچەملىك" مۇئامىلىگە دۇچ كەلگەن ئوت ئاپىتى؛ خىتاي سودىگەرلىرى بەش يىلغىچە باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ
- ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى تۇرپاندا يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى يوشۇرماقتا
- تۇرپاندا ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر نامايىش قىلدى
- ئىسمايىل تېلېۋالدى، نۇر بەكرىلەر خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى بىلەن مەسلىھەت ئېلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرى ئىككى چوڭ يىغىندا نېمە ئۈچۈن ھاشار سىياسىتىنى يوق قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويمايدۇ؟
- ئۇيغۇر ئىلىدىن كەلگەن ۋەكىللەر نىڭ خىتايدىكى "ئىككى چوڭ يىغىن "غا سۇنغان تەكلىپلىرى









