خىتاي ھۆكۈمىتى بىر ئۇيغۇرنى قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ئېلىپ باردى دەپ كەستى


2004.08.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خوتەندىكى ئاتاقلىق دىنىي ئۆلىما ئابدۇل ئەخەت بارات مەخسۇمنى قولغا ئېلىپ، بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ئۆز مۇخبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ تۈركىيىدىكى تۇغقانلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى 2004 - يىلى 1 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئابدۇل ئەخەت بارات مەخسۇم ھاجىمنى " قانۇنسىز دىنىي مەكتەپ ئېچىپ بالا ئوقۇتۇش ، تەبلىغ قىلىشتەك قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللاندى" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.

مەخسۇم ھاجىم، شەرقى تۈركىستان تارىخى كىتابىنىڭ ئاپتورى،شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن مەرھوم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ جىيەنى ئىدى. شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر مەركىزى ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، 74 ياشلاردىكى مەخسۇم ھاجىم خوتەن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن يېقىندا مەخپىي سوتلىنىپ، بەش يىللىق كېسىلگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.