خىتاينىڭ تەييۈەن شەھىرىدە 46 نەپەر ئۇيغۇر كوللېكتىپ ھالدا سوتلاندى

خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ياركەنت ۋە خوتەن قاتارلىق جايلىرىدىن كەلگەن 46 نەپەر ئۇيغۇر ئۈستىدىن 6-ئىيۇن كۈنى ئوچۇق سوت ئاچتى.

شەنشى خەۋەرلەر تورىنىڭ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر 46 نەپەر ئۇيغۇر ئىككى گۇرۇھ جىدىلىگە چېتىشلىق بولۇپ، ئۇلار ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە كۆپ ئادەمنىڭ يارىدار بولۇشى بىلەن ئەيىبلەنگەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مەمەتنىياز ئىسمەت ئىسىملىك كىشى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەنلىك ۋە جىنايەتنى تەشكىللىگەنلىك بىلەن قارىلانغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىتاي تارىخىدىكى ئەيىبلەنگۈچىلەر ، ئادۋوكاتلار ۋە ساقچىلار ئەڭ كۆپ ئىشقا سېلىنغان بىر قېتىملىق سوت بولۇپ، 46 ئادەمنى بىراقلا سوتلاش ئۈچۈن 60 نەچچە نەپەر قوراللىق ساقچى ۋە ئون نەچچە نەپەر سوت ساقچىسى ئىشقا سېلىنغان. ئەيىبلەنگۈچى ئۇيغۇرلار خىتاي تىلى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىن تەكلىپ قىلىنغان سوت خادىملىرى تەرجىمانلىق قىلغان ئىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر 46 نەپەر ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنىپ ئەيىبلىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ، مەمەتنىياز ئىسمەت باشچىلىقىدىكى ياركەنتلىكلەر گۇرۇھى ئابدۇقۇددۇس غوجا ئابدۇللا باشچىلىقىدىكى خوتەنلىكلەر گۇرۇھىنىڭ تەييۈەن شەھىرىدە ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك قانلىق جېدىلى بولۇپ، بۇ ئىككى گۇرۇھ ئۆزارا مەنپەئەت ئىختىلاپى تۈپەيلىدىن 2005-يىلى 10-ئايدىن ئېتىبارەن بىر-بىرى بىلەن بىر مەيدان ئېلىشىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلغان.

نەتىجىدە، 2005-يىلى، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىككى گۇرۇھنىڭ ئادەملىرى تەييۈەن شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ يېنىدا ئۇچرىشىپ، تەشكىللىك تۈردە بىر مەيدان قانلىق ئېلىشقان. ئۇلار بۇ ئېلىشىشتا قىڭراق- پىچاق، كالتەكلەرنى ئىشقا سالغاندىن باشقا يەنە بىر-بىرىگە تاش ۋە بوتۇلكىلارنى ئاتقان.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىككى يۇرتىدىن بولسىمۇ، لېكىن قان قېرىنداش، مىللەتداش، دىنداش ھېسابلانغان بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەملىرىنىڭ ئېلىشىشىدا ئىككى ئادەم ئۆلۈش، ئىككى ئادەم ئېغىر يارىلىنىش ھەم كۆپ ئادەم يېنىك يارىلىنىشتەك پاجىئە كېلىپ چىققان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ سانى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر سوت 20 نەچچە كۈنگە سوزۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن. (ئۈمىدۋار)