ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تەۋەلىكىنى بىكار قىلدى


2006-10-06
Share

ئۈرۈمچىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ تەۋەلىكى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئاتا - ئانىلار شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى. لېكىن سوت مەھكىمىسى ئەرزنامىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان.

ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 3 ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ يىل 9 ‏- ئايدا ئوقۇغۇچىلار ئۈستىدىن بەدەن تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان بولۇپ، شەھەرلىك - 15 ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپىدا ئوقۇيدىغان ئون نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇقىغا گىرىپتار بولغانلىقى بايقالغان. بۇنىڭ بىلەن مەكتەپ دائىرىلىرى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىغا ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈش توغرىسىدا ئىلتىماس سۇنغان ۋە مائارىپ ئىدارىسى ئىلتىماسنى تەستىقلىغان. بۇ ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىدىن داۋا قىلغان ئىدى.

رادىئومىزنىڭ ئىگىلىشىچە، مائارىپ دائىرىلىرى بۇ مەكتەپتىكى ياقا - يېزىلاردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىگەر ئىقتىدارى نورمال، دەپ دىاگنوز قويۇپ، ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرسا بولىدۇ، دەپ باھالىغان بولسىمۇ، لېكىن مەكتەپ دائىرىلىرى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسىنى ئىناۋەتكە ئالمىغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت