ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ زۇۋانى "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" نىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە سۇ مەنبەسىنىڭ كاملىقى، "ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى تەرەقىياتىغا پۇتلىشىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالىدىكەن."
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى رايونىدىكى يەر ئاستى سۇ مەنبەسى، تارتىپ چىقارغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالغان بولۇپ، "ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى" سۇ مەنبەسىنىڭ بۇ ئەھۋالغا قېلىشىغا ھەر خىل ئامىللارنىڭ سەۋەپ بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇھىت ئاسرىغۇچىلار، ئۈرۈمچى رايونىدا سۈنئىي نوپۇس ۋە پىلانسىز سانائەتلىشىشنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
2000 - يىلدىكى نوپۇس سانى بويىچە ھېسابلىغاندا ئۈرۈمچى بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى 548 مېتىر كۈپ بولۇپ، بۇ خىتاي بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى ئۆلچىمىنىڭ 4 دەن بىر قىسىمىغا يەتمەيدىكەن.
خىتاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە سۇ بايلىقى يېتىشمەيدىغان رايونلاردا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ بايلىقى كام دىگەندە 500 كۈپ مېتىر بولۇشى كېرەك. ئۈرۈمچى بۇ ئۆلچەمنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىگە چۈشۈپ قالغان.
سۇ ئىشلار نازارىتىنىڭ سابىق نازىرى ئۇيغۇر مىنۇپ، 1980 - يىللاردا ئۈرۈمچى رايونىدىكى سۇ مەنبەئەسىنىڭ نوپۇس يۆتكەش ۋە پىلانسىز سانائەتلىشىشكە يار بەرمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ كېيىن ماشىنىسىغا بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈيقەستىگە ئۇچرىغان. پارتلاش ۋەقەسىدە ئۇيغۇر مىنۇپنىڭ قىزى شاتگۈل ئۆلگەن ئىدى. (ئەركىن)