ئۇيغۇر ئېلىدە 5 مىليونغا يېقىن ئادەم پاكىزە سۇ ئىستىمال قىلالمايدىكەن


2005.03.22

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق سۇ ئىشلىرى نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۇ ئېنىرگىيىسى ۋە سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققى قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن، نۆۋەتتە پۈتۈن رايون بويىچە 40 ٪ تىن ئارتۇق يېزا ئاھالىسى يەنى 4 مىليون 870 مىڭ ئادەم پاكىزە سۇ ئىستىمال قىلالمايدىكەن.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 4 مىليون 870 مىڭ كىشى ئۇزۇن مۇددەت دېزىنفىكسىيە قىلىنمىغان سۇ ئىچكەنلىكتىن، دېھقانلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقان ۋە ئۇلار تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان.

22 - مارت كۈنى "دۇنيا سۇ كۈنى" بولۇپ، سەھىيە تەشكىلاتلىرى كىشىلەرنىڭ تازا سۇ ئىستىمال قىلىپ، سالامەتلىكىنى ئاسرىشىنى تەشەببۇس قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ پاكىزە سۇ ئىستىمال قىلالماسلىق ئەھۋالى ھەققىدە توختالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بىر تەرەپتىن مەسىلىنىڭ نامراتلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەر بايلىقى مول، باي زىمىننىڭ ئىگىلىرىنى ھەتتا پاكىزە سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە قىلمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.