ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ بايلىقى ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلىتىلمەكتە


2005.03.29
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى سىتەنلى تۇپىس (Stanley Toops)، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇسنىڭ تېز ئېشىشى ۋە خىتاينىڭ ھەر خىل تەرەققىيات قۇرۇلۇشلىرىنىڭ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ بايلىقلىرىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىشلىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا مەيئامى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇغراپىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات پروفېسسورى سىتەنلى تۇپىس دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتىتىدا بەرگەن دوكلاتىدا، "خىتاينىڭ 'غەربنى ئېچىش' ھەرىكىتى جەريانىدا قۇرۇلۇشلارنى كەڭ كۆلەمدە سېلىشى ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىھتىياجى ۋە ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىستىمالى قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە سۇغا بولغان ئىھتىياجنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىۋاتىدۇ"، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە باغراش كۆلىنىڭ سۈيىنى، قۇرۇپ كېتىۋاتقان تارىم دەرياسىغا قۇيۇش قۇرۇلىشىنى تەنقىد قىلىپ "باغراش كۆلىنىڭ سۈيىنى يەنە قانچىلىك ۋاقىت تارىم دەرياسىغا قۇيۇش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. باغراشنىڭ سۈيى ئىلگىرى تاتلىق ئىدى. ھازىر بارغانسىرى شورلىشىپ كەتتى. شۇڭا بۇ ئۇسۇل ئۇزۇن مەزگىللىك چارە ئەمەس"،- دېدى.

ئامېرىكا مۇتەخەسسىسى سىتەنلى تۇپىس ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ كرىزىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈنۈملۈك، ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيە قوللىنىشقا چاقىردى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.