خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 9- ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە سۇ بۇلغىنىشى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى 26 كۆل ۋە دەريادا ئېلىپ بارغان تەكشۈرىشىگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ سۇ سۈپىتى ئومۇمىيۈزلۈك ناچار چىققان. بولۇپمۇ بۇنىڭ ئارىسىدىكى باغراش كۆلىنى ئۆز ئىچىگە 8 كۆل ۋە سۇ ئامبىرىنىڭ سۈيى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سۇ بۇلغىنىشىغا سەۋەپ بولغان ئاساسلىق ئامىل، مۇھىت قوغداش قانۇن-بەلگىلىمىلىرىنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنماسلىقى ۋە خىلاپلىق ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپ يۈز بېرىشى ئىكەن. مەسىلەن، باغراش كۆلىگە يىلىغا 480 مىليون توننا پاسكىنا سۇ ۋە 7 مىليون توننا سانائەت كېرەكسىز سۈيى قۇيۇلىدىكەن. تۈمەن دەريا بويىغا جايلاشقان دوختۇرخانا، قاۋاقخانا ۋە ئوت-ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا ئوخشاش زاۋۇت كارخانىلار ھەر كۈنلۈكلىگى چىققان كېرەكسز پاسكىنا سۇلارنى تۈمەن دەرياسىغا تۆكىدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە، كورلا شەھىرىدىكى 3 چوڭ قەغەز ياساش زاۋۇتى 2000- يىلى قەغەز ياساشتىن كېلىپ چىققان پاسكىنا سۇ دەرىجىسى ئۆلچەمگە توشمىغانلىقى ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەتلەر ھازىر تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە قايتىدىن ئېچىلىپ، كېرەكسىز سۇلىرىنى پۈتۈنلەي كۆنچە دەرياسىغا قۇيىدىكەن.
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلماسلىق ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنجىڭ بۇ قانۇننى ياخشى ئىجرا قىلماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەريا-كۆللەرنىڭ سۇ مۇھىتى كىشىنى چۆچۈتىدىغان دەرىجىدە بۇلغانماقتا. (پەرىدە)