تۈركىيىدە ئىشلەنگەن "سۈرگۈن ۋە ئۆلۈم" دېگەن فىلىمدە شەرقىي تۈركىستان
2008.01.25
دۇنيا تارىخنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەردىن بىرى ھېسابلانغان ھىجرەت قىلىش، كۆچۈش، سۈرگۈن بولۇش ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ۋەقەلەردىن بىرى، تارىختا ئۆتكەنگە ئوخشاش ، ھازىرمۇ ھىجرەت قىلىشقا، كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان ۋە ياكى ئانا ۋەتىنىدىن سۈرگۈن قىلىنغان مىليونلارچە ئىنسان بار. ئۇيغۇر خەلقىمۇ كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلغان بولسىمۇ، ئۇرۇشتا غەلبە قىلالماي ئانا ۋەتىنى ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ئىشغالچىلارنىڭ بېسىم ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاشنى خالىماي ئانا ۋەتىنىنى تاشلاپ باشقا دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلغان مىللەتلەرنىڭ بىرى.
ئىستانبۇل شەھرىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونى تۈركىي سىستېمىدىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تۈركمەن، بوشناق، قاتارلىق مۇھاجىر خەلقلەرنىڭ كۆپلەپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى زەيتىنبۇرنۇ رايونلۇق شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن "ئۆلۈم ۋە سۈرگۈن" ئىسىملىك بىر فىلىم ئىشلەش پىلانلانغان بولۇپ بۇ فىلىم بۇ يىلنىڭ بېشىدا پۈتكەن. 113 نەپەر كىشىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، 114 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، 13 دۆلەت 53 شەھەر، 169 يېزىدا ئېكرانغا ئېلىنغان . 1 ـ ئاينىڭ 23 - كۈنى ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم رايونىغا جايلاشقان لۇتفى كىردار خەلقئارالىق كۆرگەزمە زالىدا بۇ فىلىمنىڭ پۈتكەنلىكىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىمغا تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈنەي، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ، تۈركىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قازاق مۇھاجىرلار قاتناشتى، 5000 كىشلىك يىغىن زالى لىق تولدى، زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇراد ئايدىن ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى ، تۈركىيە ساياھەت ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈنەي، فىلىمنىڭ رېجىسسورى ئەھمەت ئوقۇر، سىنارىست جەمىل ياۋۇز نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقىپ سۆز قىلدى. كېيىن فىلىمدىن تاللانغان ئارىيەلەر قويۇلدى.
بۇ فىلىمدە ماكىدونىيە، بوسنىيە ھەرسېك، بولغارىيە ، كوسۇۋا، شەرقىي تۈركىستان ئافغانىستان قاتارلىق جايلاردىن تۈركىيىگە ھىجرەت قىلغان، ياكى سۈرگۈن قىلىنغان تۈركىي سىستېمىدىكى خەلقلەرنىڭ سەپەر قىلىش جەرىيانىدىكى ، يول ئازابلىرى، جاپا - مۇشەققەتلىرى تەسۋىرلەنگەن. بۇ فىلىم 9 قىسىم بولۇپ 7- قىسىمىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 30 - يىللاردىن 40 يىللار ئارىسىدا تەكلىماكان چۆللۈكىدىن باشلانغان مۇھاجىرلار كارۋىنى گۇرۇپ- گۇرۇپ بولۇپ ، تەڭرىتاغ، ئالتاي، ھىمالايا تاغلىرىنى ئېشىپ، ھىندىستانغا كەلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى، جاپا - مۇشەققەتلىرى، تۈركىيىگە قانداق كەلگەنلىكى ئېچىنىشلىق تەسۋىرلەنگەن.
بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇ فىلىمنى كۆرگەن ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئارسلاننىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاتاقلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ تۇغقىنى بىلەن سۆھبەت
- تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئورگىنالى تور بېتىگە قويۇلدى
- تۈركىيە دولەت مىنىستىرى د و ق ھەيىتىنى قوبۇل قىلدى
- تۈركىيىنىڭ5TV تېلېۋىزىيە قانىلىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تونۇشتۇرۇلدى
- د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىسيونى ئەزاسى فارۇك ئۈنسال ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى









