تەيۋەن ئاخباراتچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلدى


2006-07-27
Share

تەيۋەن ئاخباراتچىلىرى جەمئىيىتى زىيارەت ئۆمىكى يېقىندا ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاخباراتچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 27 ‏- ئىيۇل كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن ئاخباراتچىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاخباراتچىلار بىلەن، ئاخبارات ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئېلان تىجارىتى ۋە ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن ھالقىغان تىجارەت دېگەنگە ئوخشاش تېمىلار ئۈستىدىلا پىكىرلەشكەنلىكى مەلۇم بولدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، تەيۋەن ئاخباراتچىلىقى ۋە خىتاي ئاخباراتچىلىقى ئارىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭلۇقىنى ۋە ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل ئۇسلۇبتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت" :تەيۋەن ئاخباراتى چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئاخبارات، تەيۋەندە كىشىلەر ئەركىن سۆزلەيدۇ، شۇڭا كىشىلەر تەيۋەن پرېزىدېنتىنىمۇ تەنقىد قىلالايدۇ" دېدى.

دىلشات رېشىت سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاخباراتچىلارنىڭ ئەسلىدە ، تەيۋەن ئاخباراتچىلىرىدىن ، ئاخبارات ۋاستىسىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئالدىنقى شەرتلەردىن بىرى ھېسابلانغان چىنلىق ۋە ئەركىن ئۇچۇر تارقىتىش ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخباراتقا بولغان كونتروللۇقى، خەلقئارا جامائەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئىزچىل ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە. تېخى يېقىندىلا خىتاي ساقچىلىرىنى ئەيىبلەپ ماقالە ئېلان قىلغان مۇخبىر شياۋ گوپىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت