خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر تاشيول ياسىماقچى


2004.12.12

خىتاي ھۆكۈمىتى كېلەر يىلى 5 - ئايدىن باشلاپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنى بېسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاقسۇدىكى ئارالدىن خوتەنگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 425 كىلومېتىر كېلىدىكەن. مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 834 مىليون يۈئەن خىراجەت ۋە ئۈچ يىل ۋاقىت كېتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 1995 - يىلى تەكلىماكاننى بېسىپ ئۆتىدىغان تۈنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنى پۈتتۈرۈپ، قاتناشنى باشلىغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ قېتىم ياسالماقچى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ تەكلىماكان قۇملىقىغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت قېدىرىش ئىشلىرى، تارىم دەرياسىنى ئېچىش ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

بىراق چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، بۇ يېڭى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چەت - ياقىلىرىغىچە كەڭ كۆلەمدە ئورۇنلىشىشىغا ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقىنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىشىغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.