ئۇيغۇر ئېلىدە تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن

31 - ماي كۈنى 18 - نۆۋەتلىك "خەلقئارا تاماكا تاشلاش كۈنى" بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بىر تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدە تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ 30٪ ئىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى 5 مىليون 7 يۈزمىڭغا يېتىدىكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاماكا چېكىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى خىتاي بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

بىر تاماكا چەككۈچىنىڭ بىر ئايدا تاماكىغا خەجلەيدىغان پۇلىنى تەخمىنەن 104 يۇەن دەپ ھېسابلىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 5 مىليون 7 يۈز مىڭ تاماكا چەككۈچى بىر يىلدا تەخمىنەن 7 مىليارد 2 يۈز مىليون يۇەننى تاماكىغا ئىسراپ قىلىدىكەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىنقى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ھازىر ياش بالىلار ئارىسىدا تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى تېز ئۆرلەۋاتقان ئىكەن. سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، تاماكا، كىشىلەرنىڭ تەن-سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، دىئابىت يەنى قەنت سىيىش كېسىلى، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە قاتارلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ كۆپى تاماكا چەككۈچىلەر ئىكەن. (پەرىدە)