خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى ( sinopic) تارىم- شاڭخەي تەبىئى گاز قۇرۇلۇشىدىن چېكىنىپ چىقتى
2004.08.27
خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىستىراتىگىيەلىك قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى بولغان 18 مىليون دوللارلىق تارىم - شاڭخەي تەبىئى گاز قۇرۇلۇشىغا شېرىك بولۇشتىن ۋاز كەچتى. خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چېن گېڭنىڭ "جەنۇبېي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتا گېزىتى" گە بىلدۈرۈشىچە، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتى يېقىندا بىرقانچە چەتئەل نېفىت شىركېتى بىلەن تارىم - شاڭخەي تەبىئى گاز قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلالممىغاندىن كېيىن، خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتىمۇ مەزكۇر قۇرۇلۇشدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئۇختۇرغان.
بىراق چېن گېڭ، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ خىتاي نېفىت- خىمىيە شېركىتى تارىم ئويمانلىقىدىن تاپقان تەبىئى گازنى توشۇپ بېرىشكە ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى تارىم-شاڭخەي تەبىئى گاز قۇرۇلۇشىنىڭ 5 % لىك پاي چېكىگە ھەسسىدار ئىدى. بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئامېرىكا - گوللاندىيە ھەمكارلىقىدىكى رويال داچ - شېلل شىركەتلەر گۇرۇپپىسى بىلەن ئېكسان - موبىل ۋە روسىيەنىڭ گازپرېم شىركىتى ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغاندىن كېيىن، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن.
چەتئەللىك ئانالىزچىلار، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، چەتەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقارا مۇھىت قوغداش ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىتىگە ئۇچرىغان تارىم - شاڭخەي تەبىئى گاز قۇرۇلۇشىنىڭ ئىختىسادى ئۈنۈمىگە گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە. بىراق، خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كېچىشىگە قۇرۇلۇشنىڭ ئىختىسادى ئۈنۈمى سەۋەپ بولغانلىقىنى رەت قىلغان . دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتى , مەبلەغ سالغۇچىلار چېكىنىپ چىققان تەقدىردىمۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەركىن)