تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى خىتاينىڭ بىڭتۇەن ئېتىزلىقلىرىغا ئىشلىتىلمەكتە
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تومۇرى ھېسابلىنىدىغان تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى، خىتاينىڭ بۇ يەردىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئېتىزلىقلىرىغا ئىشلىتىلمەكتە.
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى ھېسابلىنىدىغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گەرچە تارىم دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى 2004 - يىلى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3 مىليارد كۇپ مېتىر ئازايغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىككىنچى دېۋىزىيىسى، تېرىلغۇ يەرلىرىگە تارىم دەرياسىدىن 14 مىليون كۇپ مېتىر سۇ يۆتكەپ، سۇغۇرۇش ئىشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
تارىم دەرياسى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دەريا ئېقىنلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان قالايمىقان بوز يەر ئېچىش پائالىيەتلىرى شۇنداقلا خىتاينىڭ تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى قىسمىدا سۇ ئامبارلىرىنى قۇرۇشى، تۆۋەن ئېقىنغا سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ سەۋەپتىن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنى ۋادىسىدا ياشايدىغان يەرلىك خەلقلەرنى باشقا جايلارغا كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان.
ئەمما بۇ يەردىكى سۇغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىۋاتقان يەرلىك خەلقلەر، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئېتىزلىقلىرىغا خالىغانچە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.(پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- بىڭتۈەندىكىلەرنىڭ يىللىق كىرىمى 11 مىڭ يۈئەندىن ئاشتى، ئامما ئۇيغۇرلارنىڭچۇ ؟
- ئۈرۈمچىدىكى تەجرىبىخانىلاردا بۇلغىنىش ئېغىر
- ئۇيغۇر ئېلىدە فوتو- سۆرەت يۇيۇشتىن چىققان زەھەرلىك سۇيۇقلۇق كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىد ئېلىپ كەلمەكتە
- ئىلى دەريا ۋادىسىدىكى ئاپەتتىن كېلىپ چىققان ئىقسادىي زىيان 20 مىليون يۇئەنگە يەتتى
- قۇربان ئەرشىدىن بىڭتۇئەننى قوراللىق كۆرەشكە تەييار تۇرۇشقا چاقىردى
- رۇدىلاشقان تارىم سۈيى ئەتراپتىكى ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا تەھدىت بولماقتا