ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ سۈيى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ، بۇ يەردىكى بېلىقلارنىڭ كۆپ مىقداردا ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مۇھىت تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ چىقارغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلغىنىش تارىم دەرياسىنىڭ ئالار ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيە بىڭتۈەنىنىڭ 1- دېۋىزىيىسىدىكى ئېقىنىدا بىر قەدەر ئېغىر بولغان ھەمدە سۇنىڭ سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ناچارلاپ كەتكەن.
شۇنداقلا دەريادىكى بېلىقلار ئۆلۈپ، ھەتتا بېلىق يىگەن بەزى كىشىلەر زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىلارغا كىرىپ قېلىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلگەن. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئۆلۈك بېلىقلارنى تەكشۈرگەندە، ئۇلارنىڭ تەركىۋىدە تۈرلۈك زەھەرلىك خىمىيىۋى تەركىبلەر بايقالغان. بۇ زەھەرلىك تەركىبلەر كىشىلەرنى ئاغرىتىپ ھەتتا مەجروھ قىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سۇ مۇھىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار سۇ بۇلغىنىشى بىر قەدەر ئېغىر بولغان تارىم دەرياسى بويىدىكى خىتاينىڭ بىڭتۈەن 1- دېۋىزىيىسى ئەتراپىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە بۇ رايوندىكى 8 چوڭ ئېتىزلىقتىن چىققان ئوغۇت تىپىدىكى خىمىيىلىك تەركىبلەر ئارىلاشقان پاسكىنا سۇلارنىڭ بىۋاستە تارىم دەرياسىغا قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى بايقىغان. ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ھازىر يۇقىرىدىن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلماقتا.
تارىم دەرياسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 5 ۋىلايەت- ئوبلاست، 27 ناھىيە-شەھەر ھەمدە بىڭتۈەننىڭ 4 دېۋىزىيىسى ۋە 55 پولىكىدىن ئۆتىدۇ. شۇنداقلا دەريا بويىدىكى ئاھالىلەر نوپۇسى 7 مىليون 800 مىڭ كىشى بولۇپ، بۇ پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. (پەرىدە)