ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىسسىق ھاۋا سەۋەبلىك تارىم دەرياسىدا تاشقىن كۆرۈلگەن

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلى ھاۋا كېلىماتىنىڭ ناھايىتى ئىسسىپ كېتىشى بىلەن تاغلاردىكى مۇزلار ئېرىپ، تارىم دەرياسىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنىڭ سۈيى تېشىپ كەتكەن.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نۆۋەتتىكى بۇ ئىسسىق ھاۋا كېلىمات، ئۇيغۇر ئېلىدە 20 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ يۇقىرى تېمپراتورا ھېسابلىنىدىكەن.گەرچە بۇ يىل بېشىدا تارىم دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى بىرقەدەر ئاز بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى ئىسسىق ھاۋا سەۋەبلىك مۇز تاغلاردىن ئېرىپ چۈشكەن سۇلار تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئۇلغايتىۋەتكەن.

نەتىجىدە دەريا سۈيىنىڭ ئېقىش مىقدارى ھەر سېكونتىغا 1888 كۇپ مېتىرغا يەتكەن. شۇ سەۋەبتىن ھازىر دەريا بويىدىكى نەچچە مىڭ مو دېھقانچىلىق تېرىلغۇ يەرلىرى كەلكۈننىڭ تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىنى ئەتراپىغا يۈزگە يېقىن كىشىنى يۆتكەپ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۇ توسمىلىرىنى قوغداش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

خەۋەردە مەلۇم بولۇشىچە، بۇ تاشقىن ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ سۇ تارىخى خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى -4 قېتىملىق تاشقىن ھېسابلىنىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقلەرنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى بولغان تارىم دەرياسى يىللاردىن بۇيان دەريا سۈيىنىڭ ئازىيىپ كېتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن كىشىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر، خىتاينىڭ تارىمنىڭ ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى ئېقىنلىرىغا سالغان سۇ ئامبارلىرىنىڭ تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى بوغۇپ، تۆۋەن ئېقىنغا سۇ يەتمەسلىكتەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن نارازى بولۇپ كەلگەن ئىدى. (پەرىدە)