ئالار - خوتەن تەكلىماكان تاش يولىدا قاتناش ھەققى ئېلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.07.20
2008.07.20
424 كىلومېتىرلىق ئالار - خوتەن قۇملۇق تاش يولى ئۆتكەن يىلى پۈتۈپ، قاتناش باشلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان بۈگۈر خوتەن يولىدىن كېيىنكى ئىككىنچى يول ھېسابلىنىدۇ. ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، خىتاي يول ياسىغۇچىلىرى بۇ يولنى كونا دەريا ئىزلىرىنى ئاساس قىلىپ ياساپ چىققان بولۇپ، ئەلمىساقتىن تارتىپ، خوتەن بىلەن ئاقسۇ ئارىسىدا كارۋانلار مۇشۇ يول ئارقىلىق ماڭغان ئىكەن.
شىنخۇئانىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يول تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇبى بىلەن شىمالىنى تۇتاشتۇرۇش ھەمدە بۇ جايلارنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، قاتناش ھەققىنى 20 يىلغىچە ئېلىش بېكىتىلگەن.
ئالار - خوتەن يولىنى ياساش ئۈچۈن 800 مىليون يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، قاتناش ھەققى ئېلىش ئارقىلىق بۇ چىقىملارنى تولدۇرۇش نىشان قىلىنغان ئىكەن. ئالدىنقى يىلى ئالار شەھەر قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ جاي تارىم دەرياسى ۋادىسىغا ئورۇنلىشىۋالغان خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئاساسلىق بازىسى بولۇپ، تارىم ئۇلار تارىم سۈيىنى بوغۇش ئارقىلىق تەكلىماكاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئادەم ئورۇنلاشتۇرماقتا.