تارىم دەرياسىدا ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر سۇ كېمىيىش كۆرۈلدى


2007.09.18

ئۇيغۇر ئېلى تارىم دەرياسى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارلىشىغا قارىغاندا ، بۇ يىل ئاۋغۇست تارىم دەرياسى سۈيى ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن بولغان بىر مەزگىل بولغان بولۇپ ، بۇ دەريا ۋادىسىدىكى دېھقانچىلىق ھەم مۇھىتىغا ئېغىر تەسىرلەر كۆرسەتكەن. شۇنداقلا بۇ يەنە كېلەر يىل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرىدا ئېغىر سۇ يېتىشمەسلىككە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇيغۇرچە يەرلىك گېزىتلەرنىڭ خەۋەرلىرىدە ئەسكەرتىلىشىچە، تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ كېمىيىشى بولۇپمۇ ئاقسۇ دەرياسى، خوتەن دەرياسى ۋە زەرەپشان دەرياسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ غول تارماق ئېقىنلاردا كۆرۈلگەن بولۇپ ،بۇلتۇرقى مۇشۇ مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا بۇ دەريا ئېقىنلىرىنىڭ سۈيى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2مىليارد ئىككى يۈز مىليون 88مىڭ كۇپ لېتىر ئازايغان .

نۆۋەتتە دەريا باشقۇرۇش تارماقلىرى ، سۇ توسۇش ، تارماق ئۆستەڭ ،سۇنى پىلانسىز ئىشلىتىشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەرگە بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتمىگەندە كېلەر يىللىق تېرىلغۇ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

گەرچە خىتاي ئاخباراتلىرىدا تارىم دەرياسىدا ئېغىر سۇ كەمچىللىكى كۆرۈلۈشنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئېنىق توختالمىغان بولسىمۇ ، تارىم دەريا ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا ، تارىم دەرياسىدا سۇ كېمىيىش ھادىسىلىرى خىتاينىڭ بوز يەر ئېچىشنى يولغا قويغان يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ ، تارىم دەرياسى غول ئېقىنلىرىنىڭ يۇقىرىقى قىسىملىرىغا ئورۇنلاشقان خىتاي ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانلىرى دەريا سۈيىنى مەخسۇس توساقلار قۇرۇپ سۇ ئامبارلىرىغا قاچىلىغاندىن باشقا سانسىز تارماق ئۆستەڭلەرنى ئېچىپ سۇنى نورمىسىز ئىشلەتكەچكە ، تۆۋەنكى ئېقىندا ياشاۋاتقان يەرلىك ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ھەم ئىچىملىك سۇ مەنبەسى قىس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

شۇنداقلا تارىم دەرياسى سۈيىنىڭ كېمىيىشى بىلەن دەريا ۋادىسىدىكى تەبىئىي ئورمان ھەم توغراقلىقلارمۇ بارغانچە قۇرۇپ چۆللىشىش ، قۇملىشىشتەك ئېكولوگىيە ۋەيرانچىلىق ئېغىرلاشماقتا. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.