خىتاي تارىم ئويمانلىقىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسىغا ئايلاندۇرماقچى


2007.10.12

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ جۈمە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تارىم ئويمانلىقىدا ئېنىقلاپ ئىسپاتلانغان خام نېفىت زاپىسىنى 2010 - يىلغىچە بىر مىليارد توننىغا يەتكۈزۈپ، بۇ رايوننى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىماقتا ئىكەن. " جۇڭگو گېزىتى"نىڭ ئەسكەرتىشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت شىركەتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىغان خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتىنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىتلىكىدە ئېنىقلاپ ئىسپاتلانغان خام نېفىت زاپىسى 780 مىليون توننا، دەپ قارالماقتا.

خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتىنىڭ كاڭ يۈيجۇ ئىسىملىك بىر تەتقىقاتچىسى، ئەگەر تارىم ئويمانلىقىدىن بايقالغان خام نېفىت زاپىسى بىر مىليارد توننىغا يەتسە، ھازىرقى يىلىغا 10 مىليون توننا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش 3 يىل ئىچىدە يىلىغا 30 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كاڭ، تارىم ئويمانلىقىدىكى ئىسپاتلانمىغان مۆلچەردىكى ئومۇمى خام نېفىت زاپىسىنىڭ 4 مىليارد توننىغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

نۆۋەتتە خىتاي نېفىت - خىمىيە شىركىتى، تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت قېزىش مەشغۇلاتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن تېزلىتىۋاتىدۇ. خىتاي 2006 ‏- يىلى ئىستىمال قىلغان خام نېفىتنىڭ %70 نى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلغان بولۇپ، ئىمپورت مىقدارى يىلدىن ‏- يىلغا كۆپەيمەكتە ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تارىم ئويمانلىقىنىڭ نېفىتىنى كەڭ - كۆلەمدە قېزىشقا يۈزلىنىپ،نېفىت ئېھتىياجىدىن تۇغۇلغان بېسىمنى يەڭگىللىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بولسا كېرەك.

خىتاي دۆلەت كابىنتىنىڭ بۇ يىل يازدا چاقىرغان "شىنجاڭ مەسىلىسى" ھەققىدىكى مىنىستىرلار يىغىنى، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاينىڭ نېفىت، تەبئىي گاز ۋە كۆمۈرچىلىك بازىسىغا ئايلاندۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى قارار قىلغان. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ سىياسەت خىتاي كۆچمەنلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يۆتكەش، مۇھىتنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ۋەيران بولۇشى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن دىرەك، بېرىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلماقتا ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.