جۇڭگو تارىم نېفىتلىكىنى داچىڭنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى

خىتاي، داچىڭدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئازىيىشىدىن كېلىپ چىققان بوشلۇقنى تارىم ئويمانلىقىدا يېڭى نېفىتلىك تېپىش بىلەن تولدۇرماقچى ئىكەن. داچىڭدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش 1997- يىلدىن باشلاپ يىلىغا 6.2 پىرسەنتتىن ئازىيىشقا باشلىغان.

21 - ئەسىر ئىقتىسادى خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ جۇڭگو نېفىت شىركىتى قاتارلىق 4 چوڭ نېفىت گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكىنى داچىڭنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، تاشقىرىدا رۇسىيە ۋە قازاقىستانغا نېفىت تۇرۇبىسى ياتقۇزۇپ، نېفىت توشۇش لىنىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرقنىڭ نېفىت مەنبەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتمەكتە.

جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ نېفىتلىكى داچىڭدا نېفىت ئىشلەپچىقىرىش 1997 - يىلدىن بېرى ئازىيىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلىگەن 21 - ئەسىر ئىقتىسادى خەۋەرلەر گېزىتى، جۇڭگو " بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن دىققەت نەزىرىنى شىنجاڭنىڭ تارىم ئويمانلىقى ۋە يېقىن دېڭىز رايونىدىن يېڭى نېفىتلىكلەرنى ئىزدەشكە مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلىدى"دەيدۇ.

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينى يىلىغا تەخمىنەن 20 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت بىلەن تەمىنلىمەكتە. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ئۆتكەن يىلى بۇنىڭ كەلگۈسى 15 - 20 يىل ئىچىدە 100 مىليون توننىغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ۋە خىتايغا كېرەكلىك نېفىتنىڭ 60 % ئى بۇ رايوندىن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

خىتاينىڭ رايوندىكى نېفىت سىياسىتىنى قوللىغۇچىلار، بۇ، يەرلىك پۇقرالارغا ئىقتىسادى مەنپەئەت يەتكۈزىدۇ، دەپ ئەسكەرتسىمۇ، لېكىن بۇنى تەنقىد قىلغۇچىلار بۇ سىياسەت مۇھىتنى ۋەيران قىلىش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى بىر تەرەپلىمىلىك مەنپەئەتدار قىلىش رولىنى ئويناۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)