تارىم ئويمانلىقى چەتئەل نېفىت شىركەتلىرىگە ئېچىۋېتىلدى
2006.07.26
خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا تارىم ئويمانلىقىدىكى نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىنى چەتئەل شىركەتلىرىگە قارىتا ئېچىۋەتكەن. شۇنداق بولغاندا چەتئەلدىكى نېفىت شىركەتلىرى تارىم ئويمانلىقىنىڭ 110 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر دائىرىدىكى جايىدا نېفىت قىدىرىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارالايدىكەن.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى، چەتئەلنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت بايلىقىنى قېزىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىكەن. بۇ رايوندا نېفىت قىدىرىشقا قىزىققان چەتئەل شىركەتلىرى بارلىق نېفىت قىدىرىش جەريانىدىكى چىقىملارغا ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدىكەن. ناۋادا نېفىت تاپالىسا ئۇ چاغدا پايدىنى خىتاي بىلەن بۆلۈشۈپ، خىتاي 51% پايدىغا، قالغان 49% پايدىغا نېفىتلىكنى تاپقان شۇ چەتئەل شىركىتى ئېرىشىدىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلىرى بۇ چارىنىڭ خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆپ نېفىتلىك بايقالسا، ئۇ چاغدا خىتاينىڭ چەتئەل نېفىتىگە تايىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭغا قارشى قاراشتا بولۇۋاتقان ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ يەرلىك خەلقلەرگە ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقلىرىغا يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتايلار ئېرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى 200 مىليون دوللارلىق پاي چېكىنى بازارغا سالماقچى
- ئۇيغۇر دىيارى چەتئەل ۋە خىتاي سودىگەرلىرىنى بېيىتىدىغان پۇرسەتكە ئايلانماقتا
- خىتاي، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ تارىمدا نېفىت - تەبئىي گاز قىدىرىشىغا يول قويماقچى
- جۇڭگو تارىم نېفىتلىكىنى داچىڭنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 150 تۈر بويىچە سودىگەر چاقىرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى