خىتاي دائىرىلىرى "شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى" نى يېزىشقا باشلىدى


2005.02.02

تەڭرىتاغ تور بېتى، 1 - يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە " شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى" نى يېزىش تەھرىر ھەيئەتلىرى يىغىنى ئېچىلغانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىللە " شىنجاڭ تارىخىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك تارىخ يېزىش" خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يىغىندا خىتاي مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇرۇ ئەزاسى، ئۇيغۇر رايونى پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن : "شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەسىلىسى جىددى بىر سىياسىي مەسىلە. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بۆلگۈنچىلەر شىنجاڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ، ئۇنىڭدىن شىنجاڭنى ۋەتىنىمىزدىن ئايرىپ چىقىشنىڭ تارىخىي ئاساسى سۈپىتىدە پايدىلىنىپ كەلدى. شۇڭا مەن شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدىغان بىر كىتاپنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش سىياسىي كۆرىشىمىزنىڭ ئىھتىياجى" دىگەن.

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 1990 - يىلى ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ "ھۇنلارنىڭ قىسقىچە تارىخى"، " ئۇيغۇرلار"، ۋە " ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى ھەققىدە بايان" قاتارلىق ئۈچ كىتابىنى ئاشكارا تەنقىدلەش پائالىيىتى ھەمدە تەنقىدلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ كىتاپلارنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن، مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ " ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى"، "شىنجاڭ تارىخى" دېگەندەك بىر مۇنچە تارىخىي كىتاپلارنى يېزىشنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.