خىتاي "شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى" نى يېزىشنى باشلىدى
2005.04.24
خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا خىتاي دۆلەتلىك چوڭ ھەجىملىك ئىجتىمائىي پەن تەتقىقاتلىرى لايىھىسىگە كىرگۈزۈلگەن "شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي تارىخى" رەسمى يېزىلىشقا باشلانغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر تارىخ جەمىي 10 يىللىق مۆھلەت بىلەن 13 توم قىلىپ يېزىلىدىكەن. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي مەدەنىيەت ۋە مىللەتلەر تارىخى ھەر تەرەپتىن يورۇتۇلىدىكەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇ كىتابنىڭ ئەڭ ئەتراپلىق ۋە ئەڭ ئىلمىي بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن رۇسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە بېيجىڭ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ئارخىپخانىلارغا ئادەم ئەۋەتىپ، شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى توپلاشنى شۇنىڭدەك 10 نەچچە پارچە چەتئەل ئالىملىرىنىڭ شىنجاڭ تارىخىغا ئائىت ئەسەرلىرىنى خىتاي تىلىغا تەرجىمە قىلىشنى پىلانلىغان.
بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پىلانئ غا ئائىت يىغىندا ئاپتونوم رايون كومپارتىيە سېكرىتارى ۋاڭ لېچۇەن "شىنجاڭ تارىخى بىر سىياسىي مەسىلە" دەپ كۆرسىتىپ، ئاتالمىش مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ تارىخنى بۇرمىلىشىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. بىراق، خىتاي دائىرىلىرى 50 يىلدىن بۇيان "ئۇيغۇر قىسقىچە تارىخى"، "شىنجاڭ قىسقىچە تارىخى" ۋە شىنجاڭ يەرلىك تارىخى" دېگەندەك تارىخ كىتابلىرىنى نەشىر قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئوقۇشىغا مەجبۇرلىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە تېخى ئۇيغۇرلار ئەتىراپ قىلىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان بىرەر راستچىل تارىخنى يېزىپ چىقالماي، تارىخقا سىياسىي ئۆلچەم قوللىنىپ كەلدى. (ئۈمىدۋار)