خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تىكەس ناھىيىسىدىكى بوستان يېزىسىدا بايقالغان قەدىمى خارابىلىقنى خىتاينىڭ شىنجاڭنى مىڭ نەچچە يۈز يىل بۇرۇن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە باشقۇرغانلىقىنى ماددى ئىسپاتى، دەپ جاكارلىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەدىمى مىراسلار ۋە ئارخىئولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى لۇ ئانگو، شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا تىكەس دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بوستان يېزىسىدا تېپىلغان قەدىمى قەلئەنى شياۋشاڭجۈن، دەپ ئاتىلىدىغان تاڭ سۇلالىسى قىسىملىرىغا ئائىت قورغان، دەپ تەكىتلىگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخىنى خىتاي تارىخچىلار بىلەن ئۇيغۇر تارىخچىلار ئوخشىمىغان نۇقتىدا تۇرۇپ چۈشەندۈرمەكتە ۋە بۇ بەزىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن سىياسى مەسىلە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا.
8 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىسلام قوشۇنى تاڭ سۇلالىسى قىسىملىرىنى تالاس دەريا بويىدا مەغلۇپ قىلىپ، خىتاي خانلىقلىرىنى مەنچىڭ سۇلالىسىغىچە ئۇيغۇر دىيارىغا دەسسىمەس قىلىۋەتتى، دەپ يازغان تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن.
بىز بوستان يېزىسىدىكى قەدىمكى قەلئە توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئارخېئولوگ ئىدرىس ئابدۇرۇسۇلغا تېلېفون قولغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ سۇئالىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشنى رەت قىلدى. (ئەركىن)