خىتاي، تەكلىماكان چۆللۈكىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يول ياسىماقچى


2005.06.08

خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەكلىماكان چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول ياساشنى پىلانلىماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يولنى ياساشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش ۋە چەت -ياقا جايلارغا سوقۇنۇۋالغان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى بەربات قىلىش ئىكەن.

خىتاي ياسىماقچى بولغان بۇ يولنىڭ ئۇزۇنلۇقى 424 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ خوتەندىن تارتىپ ئاقسۇنىڭ ئارال شەھىرىگىچە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن. شۇنداقلا بۇ يولنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاينىڭ قوراللىق ساقچى قىسمى ياسايدىكەن.

مەزكۇر ئاگېنتلىق خەۋىرىدە يەنە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن بولغان زىددىيىتىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەرنىڭ خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ بۇ رايونغا كۆپلەپ كىرىپ، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىگە تەھدىت بولىۋاتقانلىقىنى يازغان.

يول ياساش قۇرۇلۇشى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەت رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاساسلىق پىلانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاينىڭ لاساغا تۇتاشتۇرۇپ سالغان تۆمۈر يولىمۇ بۇ يىل پۈتمەكچى. بۇ قۇرۇلۇش چەتئەلدىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.