ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2005 - يىلدىكى تاشقىي سودا سوممىسى 8 مىليارد دوللار


2006.01.13

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2005 - يىلدىكى ئومۇمى تاشقىي سودا سوممىسى 8 مىليارد دوللارغا يېقىنلاشتى. ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى شۇ يىلقى ئومۇمى تاشقىي سودا سوممىسىنىڭ 2004 - يىلغا قارىغاندا 40 % ئاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشچە، ئاپتونوم رايونلۇق تاموژنا ئىدارىسىدىكى دائىرىلەر 8 مىليارد دوللار تاشقىي سودا سوممىسىنىڭ 5 مىليارد 40 مىليون دوللىرىنى ئېكسپورت ماللىرى، 2 مىليارد 900 مىليون دوللىرىنى ئىمپورت مەھسۇلاتلىرى ئىگىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئېكسپورت توۋارلىرى كىيىم - كېچەك، قوشۇمچە زاپچاسلار، ئاياق، ماشىنا ئەسۋاپلىرى ۋە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى، توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرى، ئۆي جاھازىلىرى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان. بۇ مەھسۇلاتلار ئومۇمى ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 75 % نى تەشكىل قىلىدىكەن.

ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپ قىسىمى يەرلىك مەھسۇلاتلار ئەمەس، ئىچكىرىدىكى كارخانىلاردا ئىشلەپچىرىلغان توۋارلار، دەپ كۆرسەتمەكتە. شۇڭا بۇ يەرلىك كارخانىچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلانمايدىكەن.

تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چەتئەلدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلار خام نېفىت، تۆمۈر رودىسى، كېرەكسىز پولات، مىس، ئاليۇمىننى ئاساس قىلىدۇ. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئانالىزچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، " شىنجاڭ تاشقىي سودا سوممىسىنىڭ يېقىنقى يىللاردا تېز ئېشىپ بېرىشى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقىغا تايانغان" دەيدۇ. تاموژنا دائىرىلىرى 2006 - يىلى تاشقىي سودا سوممىسىنىڭ 9 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى قىياس قىلماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.