يېڭى يىپەك يولى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشى 2008 ‏- يىلى تاماملانماقچى

يېڭى يىپەك يولى دەپمۇ ئاتالغان خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى ليەنيۈنگاڭدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قورغاس ئېغىزىغىچە تۇتاشتۇرۇلىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولنىڭ شىڭشىڭشيا بۆلىكىنى ياساش قۇرۇلۇشى باشلانغان بولۇپ، بۇ پۈتۈن يول 2008‏- يىلى رەسمىي قاتناشقا ئېچىۋېلىتىدىكەن. شۇنداقلا بۇ يولنىڭ شىنجاڭ بۆلىكى خىتاي بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول ھېسابلىنىدىكەن.

خوڭكوڭ "داگوڭباۋ" گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشىغا 5 يېرىم مىليارد يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنغان. بۇ يولنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلىكى قۇمۇلنىڭ شىڭشىڭشيا دىگەن يېرىدىن باشلىنىپ، قۇمۇل شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، تۇرپان-قۇمۇل نېفىتلىكى ۋە تۇرپان شەھىرى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، ئاندىن ئۈرۈمچى-تۇرپان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يولى ۋە داخۇاڭشەن يولىغىچە تۇتاشتۇرىلىدىكەن.

لىيەنيۈنگاڭدىن باشلىنىدىغان مەزكۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول پۈتۈپ چىقسا، ماشىنىلار بۇ يەردە سائىتىگە 120 كىلومېتىر تېزلىكتە ماڭالايدىكەن. بۇ يول خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنى تۇتاشتۇرۇش مەقسىتىدە سېلىنغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ جياڭسۇ، ئەنخۇي، خېنەن، شەنشى ۋە گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ئۆتىدىكەن. (پەرىدە)