خىتاي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قازاقىستانغا ئۆتۈدىغان يېڭى قاتناش يولى ئاچتى
2006.09.01
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن قازاقىستاننىڭ تالدىقورغان ئوبلاستىغا ئۆتۈدىغان يەنە بىر قاتناش يولى جۈمە كۈنى رەسمى ئېچىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قازاقىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان 1700 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيىسىدە ئىككى تەرەپنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش يولى 22 گە يەتكەن.
خىتاي دائىرىلىرى ئاخىرقى يىللاردا قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەخىرسىزلىك بىلەن كېڭەيتمەكتە. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تاشقى ترانسپورت ئىدارىسىنىڭ جاڭ پەمىلىلىك مۇئاۋىن باشلىقى، بۇ قاتناش يولى ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا ۋە ئىچكىرى رايونلىرىدىكى شەھەرلەرنى ئۆز ئارا تۇتاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئانالىزچىلار بولسا خىتاينىڭ قازاقىستان ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن قاتناش ئالاقىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشتىكى سەۋەبى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچى كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى توسالغۇغا ئۇچرۇتۇش، ئېنىرگىيە يوللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى تەسىرىگە قارشى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى قۇرۇشنى مەقسەد قىلغان، دەپ قارىماقتا.
تالدىقورغان يولىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانلار بىلەن تۇتىشىدىغان قاتناش يولى 87 گە يەتتى. نۆۋەتتە بۇ يوللارنىڭ 43 دە يولۇچىلار، 44 دە يۈك توشۇلماقتا. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن تۆمۈر يول ۋە تاش يول ياساش لايىھىسى تۈزدى
- قاتناش تارماقلىرىنى ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى
- يېڭى يىپەك يولى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قۇرۇلۇشى 2008 - يىلى تاماملانماقچى
- ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەگەشمە قاتناش ۋەقەسىنىڭ شوپۇرى گۇاڭدۇڭدا تۇتۇلدى
- قەشقەردە يۈز بەرگەن 21 - ماي قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 15 كە يەتتى