خىتاي تەكلىماكاندا يەنە بىر تاش يولنى تەييارلىدى


2007.02.18

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان يەنە بىر تاش يولدا بۇ يىل 7 - ئايدىن ئېتىبارەن قاتناش باشلىنىدۇ.

بۇ يېڭى تەكلىماكان تاش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 424 كىلومېتىر بولۇپ، ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى خىتاي ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 1 - دىۋىزىيىسىنىڭ بازا شەھىرى ئالاردىن باشلىنىپ، خوتەن شەھىرىگە تۇتىشىدىكەن. بۇ يول ئۈچۈن 834 مىليون يۇئەن مەبلەغ سېلىنغان.

خىتاي قاتناش دائىرىلىرى يەنە 1995 - يىلى تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتىدىغان بىرىنچى تاش يولنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 552 كىلومېتىر ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي نۆۋەتتە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ئاھالىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلەيدىغان، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مول بولغان تارىم ئويمانلىقىنى ئېچىش بىلەن بۇ رايوندىكى خىتاي نوپۇسىنىڭ تېز سۈرەتتە ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىشنى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك پىلان قىلغان.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.