ئىلى كۈندىلىك گېزىتى 21- يانۋار ، ئىلى ئوبلاستىدا ھۆكۈمەت ھەمدە ساقچى دائىرىلىرى بىرلىكتە ، چېگرادىن قانۇنسىز كىرگەن ، رەسمىيەتسىز تۇرۇۋاتقان ھەم قانۇنسىز ئىشلەۋاتقان يەنى چەتئەل تىلى دەرسى بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان چەتئەللىكلەرگە قارىتا ئۈچ خىل قانۇنسىزلارنى تازىلاش ھەرىكىتى باشلىغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا 19 چەتئەللىكنى قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى.
قولغا ئېلىنغان چەتئەللىكلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ، قايسى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىغا ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش مەقسىتىدە ، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ تېلېفون ئارقىلىق ئىلى جامائەت خەۋپسىزلىك ۋە ئاخبارات دائىرىلىرىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىنى دېققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
چەتئەللىكلەرگە قاتمۇ - قات قاپقان قۇرۇش
ئىلى ئوبلاستىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدا 22- يانۋار بېرىلگەن خەۋەردىن ئېنىقلىنىشىچە، يېڭى يىل كىرىشنىڭ ئالدىدا يەنى بىر ئاي بۇرۇن ،ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرى 2008- يىللىق ئولىمپىكنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن " ئۈچ خىل قانۇنسىز چەتئەللىكلەرنى تازىلاش " نامىدا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىغان .
بۇ جەرياندا ھۆكۈمەت ئاساسلىق ئىلى ئوبلاستى بۇيىچە بارلىق مەھەللە - كومىتېت ، ئولتۇراق رايونلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ساقچى ۋە كادىرلارنى ئىشقا سېلىپ ، سىياسىي مەقسەتلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىلى تەۋەسىگە يوشۇرۇن كىرگەن چەتئەللىكلەرنى ، مېھمانخانا، قوناق ھەتتا ئۆيمۇ - ئۆي تەكشۈرۈپ ، ساقچى ئورۇنلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرماي ياشاۋاتقان ، توي قىلىپ تۇرۇۋاتقان،رۇخسەتسىز دەرس ئۆتۈۋاتقان چەتئەللىكلەرنى قاتمۇ - قات توساقلار بىلەن ئاختۇرۇپ تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ،ھازىرغىچە بۇ مەخسۇس چەتئەللىكلەرگە قارىتىلغان "ئۈچنى تازىلاش" ھەرىكىتى ئۈچۈن مەخسۇس 260 ئادەم كۈچىنى ئىشقا سالغان.
گەرچە ئىلى كۈندىلىك گېزىتى ۋە ئىلى خەۋەر تورىدا بېرىلگەن خەۋەرلەردە ئىلى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان 19 نەپەر چەتئەللىكنىڭ ئىككىسىنىڭ قانۇنسىز دەرس ئۆتكەنلىكى يەنە 17 سىنىڭ بولسا قانۇنسىز تۇرۇۋاتقانلىقى سەۋەبلىك قولغا ئېلىنىپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈتۈۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن بولسىمۇ ، ئەمما بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلار بېرىلمىگەن. بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي خەۋەر ئىگىلەش ئۈچۈن ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ھەمدە تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە تېلېفون قىلىپ سورىغىنىمىزدا دائىرىلەر بىردەك چەتئەللىكلەرنى قولغا ئېلىش ۋەقەسىنى ئىنكار قىلدى:
ئىلى ئوبلاستى ساقچى باشلىقى ":چەتئەللىكلەرنى قولغا ئېلىش قانۇنغا خىلاپ"...
بىز يەنە ئىلى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باشلىقى رەھىم بىلەن ئالاقىلاشتۇق، ئۇ مەزكۇر خەۋەرنى ئالاھىدە ھاياجان بىلەن ئىنكار قىلغاندىن باشقا ، چەتئەللىكلەرنى قولغا ئېلىش قانۇنسىزلىق دەپ بىلدۈردى.
چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنى تازىلاش ھەرىكىتى؟
ئىلى كۈندىلىك گېزىتىدە بېرىلگەن مەزكۇر خەۋەر ئىلى ئوبلاستلىق ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئىنكار قىلىنغاندىن كېيىن، بىز مەزكۇر ئاخباراتنى ئېلان قىلغان ،خىتاي پارتىيە - ھۆكۈمەت دائىرىلىرى باشقۇرۇشىدىكى ئاخبارات ئورگىنى بولغان ئىلى كۈندىلىك گېزىتى تەھرىر بۆلۈمى بىلەن ئالاقىلاشتۇق: -ياخشىمۇ سىز ؟ ئىلى كۈندىلىك گېزىتىمۇ؟ -شۇنداق ؟ نېمە ئىشىڭىز بار؟ -مەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى ، گېزىتڭلاردا بېرىلگەن 19 چەتئەللىكنىڭ تۇتۇلغانلىق خەۋىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئالاي دېگەنتىم. - ھە سىز ھېلىقى چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنى تازىلاشنى دەمسىز؟ - ھە شۇنداق. - بۇ چەتئەللىكلەرنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى ھەم قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز؟ - بۇ ھەقتە بىزمۇ تولۇق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەس. - بۇ خەۋەر ئىشەنچىلىكمۇ؟ - ئەلۋەتتە ئىشەنچىلىك، بۇ ئاخباراتنى بىز ئىلى ئوبلاستلىق قانۇن دائىرىلىرى ھەمدە تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ تامغا باستۇرغاندىن كېيىن ئېلان قىلغان . يۈزدە - يۈز ئىشەنچىلىك ، ئەمما باشقا تەپسىلىي ئەھۋاللارنى بىلمەيدىكەنمەن.
دىلشات رىشىت "يۇشۇرۇشنىڭ ئۆزى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى ئاشكارىلايدۇ"
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئىلىدا باشلانغان ئۈچنى تازىلاش ھەرىكىتىنى ، "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008- ئولىمپىك ئالدى كەينىدە ، چەتئەلنىڭ ۋە چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ئىلى ۋەقەسى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەمەلىي ئەھۋاللىرىنى ئىگىلىشى ۋە ئۇنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتىدا ئاشكارىلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاخباراتنى قامال قىلىش ھەرىكىتى" دەپ بىلدۈردى.