خىتاي دائىرىلىرى كېرىيە ناھىيىسىدە تازىلاش ئېلىپ باردى

تۆت كۈن ئىلگىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ناھىيە بازىرىغا نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن تىكلەپ قويۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ناھىيە بويىچە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، كېرىيە ناھىيىسىدىكى 6 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنى سوراق قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۈگۈن ئاختۇرۇش ۋە سۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ 4 - كۈنى ئىكەن. دىلشات رىشىت، يەر ئاستى دىنىي مەكتەپلەرگە قاتنىشىش ئېھتىمالى بار، دەپ قارالغانلار، تەنتەربىيە مەشىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن سابىق مەھبۇسلار سۈرۈشتۇرۇش ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ھىزبۇل تەقرىر پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى تىكلەپ قويغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلماقتا ئىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاختۇرۇش ۋە سۈرۈشتۇرۇش ھەرىكىتى شۇ جايدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى ۋە ناھىيىلىك ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلماقتا.

دىلشات رىشىت، ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى" دا تۇنجى قېتىم بۇ خىل ۋەقەلەرگە سەپەرۋەر قىلىنىشى، دەپ كۆرسەتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ھازىرغا قەدەر ناھىيە بويىچە 6 كىشى قولغا ئېلىنغان. ئەمما بۇ ساننىڭ توغرىلىقى ۋە ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تىكلەش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكىنى دائىرىلەر تەرىپىدىن ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولمىدى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمايىل تىلىۋالدى ئۆتكەن 2006 - يىلى 12- ئايدا "مىللىي بۆلگۈنچىلەر" گە قارشى كۈرەشنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى "تېررورچىلار" دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاي دائىرىلىرىنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماقتا، دەپ ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)