بىر ئوقۇتقۇچى «دەرس مۇنبىرى ئەڭ كۆڭۈللۈك سورۇن.....»

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتى قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرغان يېقىنقى يىللاردىن بېرى ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىن نۇرغۇنلىغان كەسپ سۆيەر ،ئىجتىھاتلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار دەرس مۇنبىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدى . ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك سىياسىي بېسىملار سەۋەبلىك ، كەسپىنى تاشلاپ باشقا كەسپلەرگە يۆتكىلىۋاتقان ۋە ياكى چەتئەللەرگە بىلىم ئاشۇرۇشقا چىققان ، ۋەتەنگە ،سىياسىي توساقلار قويۇلغان دەرس مۇنبىرىگە قايتىپ بېرىشنى خالىماي چەتئەلدە قېلىشقا مەجبۇر بولغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس.

ۋەتىنىنى، ئۆزى سۆيگەن كەسىپىنى ، سۆيۈملۈك دەرس مۇنبىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ئوقۇتقۇچىسى مېھراي خانىم ،ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئامېرىكىدا قېلىش يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغانلىقى ھەققىدە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن سۆھبەتتە بولدى . سۆھبەت مەزمۇنلىرىغا دىققەت بەرگەيسىلەر.