باي ناھىيىسىدە يەنە بىر چوڭ تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالدى
2007.10.10
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 10 -ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ تارىم نېفىت شىركىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيىسىدە ، زاپاس مىقدارى 130 مىليارد كۈپ مېتىر كېلىدىغان بىر تەبىئىي گاز كانىنى بايقىغان. مەزكۇر كاننىڭ كۈنلۈك مەھسۇلات مىقدارى 286 مىڭ كۈپ مېتىر ئەتراپىدا تەخمىن قىلىنغان.
ئەگەر بۇ تەخمىن توغرا چىقسا، بۇ كان ئۇيغۇر رايونىدىكى زاپاس مىقدارى 100 مىليارد كۈپ مېتىردىن ئاشىدىغان ئۇچ چوڭ تەبىئىي گاز كانىدىن بىر بولۇپ قالىدۇ ؛ قالغان ئىككىسى بولسا ئاقسۇنىڭ باي ناھىسىدىكى قارا 2 ۋە كۇچا ناھىيىسىدىكى دىنا 2 دەپ ئاتىلىدىغان تەبىئىي گاز كانلىرىدۇر.
خەۋەردە كۆرسىتىلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىدىكى تەبىئىي گاز ۋە نېفىت زاپاس مىقدارى خىتاينىڭ ئومۇمى قۇرۇقلۇقنى بازا قىلغان ئومۇمى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارىنىڭ % 25 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلتۇر ئۇيغۇر رايونىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت مىقدارى 24 مىليون توننا بولۇپ ، خىتاي بۇيىچە 3 -ئورۇندا تۇرغان ؛ تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارى بولسا، خىتاي بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت بازىسى بولۇش ئالدىدا تۇرماقتا
- ۋاڭ لېچۇەن 'بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا كاملىغان كۆمۈر شىنجاڭدىن تەمىنلىنىدۇ ' دەپ جاكارلىغان
- خىتاي ھۆكۈمىتى خۇا نېڭ شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىنى قۇردى
- خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى، ئىككىنچى تەبئىي گاز توشۇش تۇرۇبىسىنىڭ يۈنۈلۈشىنى بەلگىلىدى
- پىچان ئەتراپىدا زەھەرلىك تەبىئىي گاز قېچىش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاي پىچاندا خام نېفىت ئامبىرى ياسىماقچى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بايقالغان نېفىت ۋە تەبىئي گاز زاپىسى يەنە كۆپەيدى
- قارامايدىن زاپاس مىقتارى زور كۆلەملىك تەبئىي گاز بايقالدى
- خىتاي نېفىت گۇرۇھى، غەربى دىيار نېفىت تۇرۇبا شىركىتى، ئۇيغۇر دىيارىغا ماكانلاشتى
- جۇڭغار ئويمانلىقى- ئۈرۈمچى تەبىئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى باشلانماقچى