قارامايدىن زاپاس مىقتارى زور كۆلەملىك تەبئىي گاز بايقالدى


2007-05-18
Share

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر نېفىت شىركىتى قارامايدىن زاپاس مىقتارى 30 مىليارد كۇپ مېتىر كېلىدىغان زور كۆلەملىك تەبئىي گاز قاتلىمى بايقىغان. خەۋەردە يېڭى تېپىلغان تەبئىي گاز قاتلىمىدىن كۈنىگە 47.1 مىليون كۇپ مېتىر گاز ئىشلەپچىقىرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شىمالىدىكى جايلارنى گاز بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسى ئاسانلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە، گاز قاتلىمىنىڭ قايسى شىركەت تەرىپىدىن بايقالغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ لېكىن مەزكۇر گاز قاتلىمىنىڭ جەنۇبىي جۇڭغار ئويمانلىقىدىن بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جۇڭغار ئويمانلىقىدا بار، دەپ قارالغان ئومۇمى تەبئىي گاز زاپاس مىقتارى6.8 مىليارد توننا بولۇپ، ھازىرغىچە بۇنىڭ 3 دەن بىر قىسىمى ئىسپاتلانغان.

خىتاينىڭ تەبئىي گاز ئىستىمال قىلىش مىقتارى يىلدىن - يىلغا كۆپەيمەكتە. ئۇ 2006- يىلى 6.55 مىليارد كۇپ مېتىر تەبئىي گاز ئىستىمال قىلغان بولۇپ، 2005 - يىلدىكىدىن % 19 ئاشقان. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى نېفىت ۋە تەبئىي گاز زاپىسىنى ئېچىش يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن يەرلىك پۇقرالار بۇنىڭ مۇھىتنى ۋەيران قىلىش، سۇ يېتىشمەسلىك ۋە كۆچمەنلەرنى كۆپەيتىۋېتىشتىن باشقا، يەرلىك خەلققە ھېچقانداق پايدىسى تەگمىگەنلىكىدىن شىكايەت قىلماقتا. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت